99
99-كۈي •••• مۇقەددەس خۇداغا مەدھىيە 
 1 پەرۋەردىگار ھۆكۈم سۈرىدۇ! 
خەلقلەر تىترىسۇن! 
ئۇ كېرۇبلار ئوتتۇرىسىدا ئولتۇرىدۇ؛ 
يەر-جاھان زىلزىلىگە كەلسۇن! 
 2 پەرۋەردىگار زىئوندا بۈيۈكتۇر، 
ئۇ بارلىق خەلقلەر ئۈستىدە تۇرىدىغان ئالىيدۇر. 
 3 ئۇلار ئۇلۇغ ۋە سۈرلۈك نامىڭنى مەدھىيىلەيدۇ؛ 
ئۇ پاك-مۇقەددەستۇر! 
 4 پادىشاھنىڭ قۇدرىتى ئادالەتكە بېغىشلانغاندۇر؛ 
ئۆزۈڭ دۇرۇسلۇقنى مەھكەم ئورناتقانسەن؛ 
سەن ياقۇپ ئارىسىدا ئادالەت ۋە ھەققانىيەت يۈرگۈزگەن. 
 5 پەرۋەردىگار خۇدايىمىزنى ئۇلۇغلاڭلار! 
تەختىپەرى ئالدىدا ئېگىلىپ سەجدە قىلىڭلار ــ 
ئۇ مۇقەددەستۇر! 
 6 ئۇنىڭ كاھىنلىرى ئارىسىدا مۇسا ۋە ھارۇن بار ئىدى، 
نامىنى چاقىرغانلار ئىچىدە سامۇئىلمۇ ھازىر ئىدى؛ 
ئۇلار پەرۋەردىگارغا ئىلتىجا قىلىپ، چاقىردى، 
ئۇ ئۇلارغا جاۋاب بەردى. 
 7 خۇدا بۇلۇت تۈۋرۈكىدە ئۇلارغا سۆزلىدى؛ 
ئۇلار ئۇ تاپشۇرغان ئاگاھ-گۇۋاھلىقلارغا ھەم نىزام-بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلىشاتتى. 
 8 ئى پەرۋەردىگار خۇدايىمىز، سەن ئۇلارغا جاۋاب بەردىڭ؛ 
يامان قىلمىشلىرىغا يارىشا جازا بەرگەن بولساڭمۇ، 
سەن ئۇلارنى كەچۈرگۈچى ئىلاھ ئىدىڭ. 
 9 پەرۋەردىگار خۇدايىمىزنى ئۇلۇغلاڭلار! 
ئۇنىڭ مۇقەددەس تېغىدا ئېگىلىپ سەجدە قىلىڭلار! 
چۈنكى پەرۋەردىگار خۇدايىمىز مۇقەددەستۇر! 
 Languages
Languages