57
57-كۈي •••• ئېغىر كۈنلەردىكى ئېتىقاد 
 1 نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، «ھالاك قىلمىغايسەن» دېگەن ئاھاڭدا ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان «مىختام» كۈيى، (ئۇ سائۇل پادىشاھتىن قېچىپ، ئۆڭكۈردە يوشۇرۇنۇۋالغان چاغدا يېزىلغان): ــ 
ئى خۇدا، ماڭا شەپقەت كۆرسەتكەيسەن، 
ماڭا شەپقەت كۆرسەتكەيسەن، 
چۈنكى جېنىم سېنى پاناھىم قىلدى. 
مۇشۇ بالايىئاپەت ئۆتۈپ كەتكۈچە، قاناتلىرىڭ سايىسىدە پاناھ تاپىمەن. □ «داۋۇت يازغان «مىختام» كۈيى» ــ «مىختام» 16-كۈيدىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ. «ئۇ سائۇل پادىشاھتىن قېچىپ، ئۆڭكۈردە يوشۇرۇنۇۋالغان چاغدا يېزىلغان» ــ بۇ ۋەقەلەر «1سام.» 24-بابتا بايان قىلىنىدۇ.  [b] 
 2 خۇداغا، يەنى ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىغا، 
ئۆزۈم ئۈچۈن ھەممىنى ئورۇنلايدىغان تەڭرىگە نىدا قىلىمەن؛ 
 3 ئۇ ئەرشتىن ياردەم ئەۋەتىپ مېنى قۇتقۇزىدۇ؛ 
ماڭا قاراپ نەپسى يوغىناپ، مېنى قوغلاۋاتقانلارنى ئۇ رەسۋا قىلىدۇ؛ 
سېلاھ؛ 
خۇدا ئۆز مېھىر-شەپقىتى ۋە ھەقىقىتىنى ئەۋەتىدۇ! 
 4 جېنىم شىرلار ئارىسىدا قالدى؛ 
مەن نەپىسى يالقۇن كەبى بولغانلار ئارىسىدا ياتىمەن! 
ئادەم بالىلىرى ــ 
ئۇلارنىڭ چىشلىرى نەيزە-ئوقلاردۇر، 
ئۇلارنىڭ تىلى ــ ئۆتكۈر قىلىچتۇر! 
 5 ئى خۇدا، ئەرشلەردىن يۇقىرى ئۇلۇغلانغايسەن، 
شان-شەرىپىڭ يەر يۈزىنى قاپلىغاي![~3~] 
 6 ئۇلار قەدەملىرىمگە تور قۇردى؛ 
جېنىم ئېگىلىپ كەتتى؛ 
ئۇلار مېنىڭ يولۇمغا ئورەك كولىغانىدى، 
لېكىن ئۆزلىرى ئىچىگە چۈشۈپ كەتتى.[~4~] 
 7 ئىرادەم چىڭ، ئى خۇدا، ئىرادەم چىڭ؛ 
مەن مەدھىيە ناخشىلارنى ئېيتىپ، 
بەرھەق سېنى كۈيلەيمەن![~5~] 
 8 ئويغان، ئى روھىم! 
ئى نەغمە-سازلىرىم، ئويغان! 
مەن سەھەر قۇياشىنىمۇ ئويغىتىمەن! □ «ئويغان، ئى روھىم!» ــ بۇ ئايەتتىكى «روھىم» ئىبرانىي تىلىدىكى «شان-شەرىپىم» دېگەن سۆزنىڭ تەرجىمسى. «نەغمە-سازلىرىم!» ئىبرانىي تىلىدا «لىرا (راۋابدەك بىر ساز) ۋە چىلتار»نى بىلدۈرىدۇ. 
 9 مەن خەلق-مىللەتلەر ئارىسىدا سېنى ئۇلۇغلايمەن، ئى رەب؛ 
ئەللەر ئارىسىدا سېنى كۈيلەيمەن! [~7~] 
 10 چۈنكى ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ ئەرشلەرگە يەتكۈدەك ئۇلۇغدۇر؛ 
ھەقىقىتىڭ بۇلۇتلارغا تاقاشتى. [~8~] 
 11 ئى خۇدا، ئەرشلەردىن يۇقىرى ئۇلۇغلانغايسەن، 
شان-شەرىپىڭ يەر يۈزىنى قاپلىغاي! 
- 
a  «داۋۇت يازغان «مىختام» كۈيى» ــ «مىختام» 16-كۈيدىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ. «ئۇ سائۇل پادىشاھتىن قېچىپ، ئۆڭكۈردە يوشۇرۇنۇۋالغان چاغدا يېزىلغان» ــ بۇ ۋەقەلەر «1سام.» 24-بابتا بايان قىلىنىدۇ.
■57:1 1سام. 22:1؛ 24:4
■57:5 زەب. 108:5
■57:6 زەب. 7:15-16؛ 9:16
■57:7 زەب. 108:1-5
~6~ «ئويغان، ئى روھىم!» ــ بۇ ئايەتتىكى «روھىم» ئىبرانىي تىلىدىكى «شان-شەرىپىم» دېگەن سۆزنىڭ تەرجىمسى. «نەغمە-سازلىرىم!» ئىبرانىي تىلىدا «لىرا (راۋابدەك بىر ساز) ۋە چىلتار»نى بىلدۈرىدۇ.■57:9 زەب. 18:49؛ 22:22؛ 108:3
■57:10 زەب. 36:5-6؛ 108:4
 Languages
Languages