43
43-كۈي •••• سەرگەرداننىڭ دۇئاسى •••• 1-ئايەتتىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ 
 1 ئى پەرۋەردىگار، مەن توغرۇلۇق ھۆكۈم چىقارغايسەن، 
دەۋايىمنى ئەقىدىسىز بىر خەلق ئالدىدا سورىغايسەن؛ 
مېنى ھىيلىگەر ھەم قەبىھ ئادەمدىن قۇتۇلدۇرغايسەن. □ «ئىزاھات» ــ كۆپ ئالىملار 42- ھەم 43-كۈي ئەسلىدە بىر كۈي ئىدى، دەپ قارايدۇ. 
 2 چۈنكى سەن پاناھگاھىم بولغان خۇدادۇرسەن؛ 
نېمىشقا مېنى تاشلاۋەتكەنسەن؟ 
نېمىشقا دۈشمەننىڭ زۇلۇمىغا ئۇچراپ، 
ھەمىشە ئازاب چېكىپ يۈرىۋاتىمەن؟» ــ دەيمەن.[b] 
 3 ئۆز ھەقىقىتىڭ ۋە نۇرۇڭنى ئەۋەتكىن، 
ئۇلار مېنى يېتەكلىگەي! 
مېنى مۇقەددەس تېغىڭغا، 
ماكانىڭغا ئېلىپ كەلگەي! □ «ماكانىڭغا ئېلىپ كەلگەي!» ــ ئىبرانىي تىلىدا «ماكانلىرىڭغا ئېلىپ كەلگەي!». 
 4 شۇنىڭ بىلەن مەن خۇدانىڭ قۇربانگاھى ئالدىغا باراي، 
يەنى مېنىڭ چەكسىز خۇشلۇقۇم بولغان تەڭرىنىڭ يېنىغا باراي؛ 
بەرھەق، چىلتار چېلىپ سېنى مەدھىيىلەيمەن، ئى خۇدا، مېنىڭ خۇدايىم! 
 5 ئى جېنىم، سەن نېمىشقا بۇنداق قايغۇرىسەن؟ 
نېمىشقا ئىچىمدە بۇنداق بىئارام بولۇپ كېتىسەن؟ 
خۇداغا ئۈمىد باغلا! 
چۈنكى مەن ئۇنى يەنىلا مەدھىيىلەيمەن، 
يەنى چىرايىمغا سالامەتلىك، نىجاتلىق ئاتا قىلغۇچى خۇدايىمنى مەدھىيىلەيمەن!□ «چۈنكى مەن ئۇنى يەنىلا مەدھىيىلەيمەن، يەنى چىرايىمغا سالامەتلىك، نىجاتلىق ئاتا قىلغۇچى خۇدايىمنى مەدھىيىلەيمەن!» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «چۈنكى ئۇنىڭ جامالىدىن چىققان نىجاتلىق بىلەن، مەن ئۇنى يەنىلا ئۇلۇغلايمەن، مېنىڭ خۇدايىم!».  [~5~] 
- 
a  «ئىزاھات» ــ كۆپ ئالىملار 42- ھەم 43-كۈي ئەسلىدە بىر كۈي ئىدى، دەپ قارايدۇ.
■43:2 زەب. 35:11-17؛ 38:6؛ 42:10
c «ماكانىڭغا ئېلىپ كەلگەي!» ــ ئىبرانىي تىلىدا «ماكانلىرىڭغا ئېلىپ كەلگەي!». ~4~ «چۈنكى مەن ئۇنى يەنىلا مەدھىيىلەيمەن، يەنى چىرايىمغا سالامەتلىك، نىجاتلىق ئاتا قىلغۇچى خۇدايىمنى مەدھىيىلەيمەن!» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «چۈنكى ئۇنىڭ جامالىدىن چىققان نىجاتلىق بىلەن، مەن ئۇنى يەنىلا ئۇلۇغلايمەن، مېنىڭ خۇدايىم!».■43:5 زەب. 42:5،11
 Languages
Languages