34
34-كۈي •••• خۇدانىڭ مېھرىبانلىقىغا مەدھىيە •••• «ئېلىپبە تەرتىپىلىك» كۈي •••• 1-ئايەتتىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ
1 داۋۇت يازغان كۈي: ــ
(داۋۇت ئابىمەلەك پادىشاھنىڭ ئالدىدا يۈرۈش-تۇرۇشىنى باشقىچە قىلىۋالغاندا، ئابىمەلەك ئۇنى ھەيدىۋەتكەن ۋاقىتتا يازغان)
|א| مەن ھەرقانداق ۋاقىتلاردا پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرىمەن؛
ئۇنى مەدھىيىلەش ئاغزىمدىن چۈشمەيدۇ.□ « א ئالەف، ئىبرانىي تىلىدىكى بىرىنچى ھەرپ» ــ بۇ كۈي «ئېلىپبە تەرتىپىلىك» كۈي. ھەربىر ئايەت ئالدىدا ئىبرانىي ھەرپلەر كۆرسىتىلىدۇ (10-كۈيگە بېرىلگەن، «ئېلىپبە تەرتىپىلىك كۈي» توغرۇلۇق ئىزاھاتنىمۇ كۆرۈڭ). «مەن ھەرقانداق ۋاقىتلاردا پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرىمەن» ــ «تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرۇش» دېگەن سۆز ئىبرانىي تىلىدا «(خۇداغا) رەھمەت ئېيتىش»، «ئۇنى ئۇلۇغلاش» دېگەن مەنىدە كېلىدۇ، ئۇنىڭ يەنە «خۇدانى خۇرسەن قىلىش» دېگەن مەنىسىمۇ بار. «تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرۇش» دېگەننىڭ ئىبرانىي تىلىدىكى شەكلى ئەرەب تىلىدىكى «مۇبارەكلەش» دېگەن سۆزگە ئوخشاپ كېتىدۇ؛ دېمەك، خۇداغا ««بارەك» (بەرىكەت) يەتكۈزۈش». [b]
2 |ב| قەلبىم پەرۋەردىگارنى ئىپتىخارلىنىپ مەدھىيەلەيدۇ،
مۆمىنلەر بۇنى ئاڭلاپ شادلىقتا بولىدۇ.
3 |ג| مەن بىلەن بىللە پەرۋەردىگارنى ئۇلۇغلاڭلار،
بىرلىكتە ئۇنىڭ نامىغا مەدھىيىلەر ياڭرىتايلى.
4 |ד| پەرۋەردىگارنى ئىزدىدىم،
ئۇ مېنىڭ دۇئايىمنى ئىجابەت قىلدى،
مېنى باسقان بارلىق ۋەھىمە-قورقۇنچلىرىمدىن قۇتقۇزدى.
5 |ה| مۆمىنلەر ئۇنىڭغا تەلمۈرۈپ نۇرلاندى؛
|ו| يۈزلىرى يەرگە قارىتىلمىدى.
6 |ז| مەن پېقىر-بىچارە ئۇنىڭغا نىدا قىلدى،
پەرۋەردىگار ئاڭلاپ، مېنى ھەممە ئاۋارىچىلىكلەردىن قۇتقۇزدى.
7 |ח| پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئۇنىڭدىن ئەيمىنىدىغانلارنى قوغداپ ئەتراپىغا چېدىرىنى تىكىدۇ،
8 |ט| پەرۋەردىگارنىڭ مېھرىبانلىقىنى تېتىپ، بىلگىن،
ئۇنىڭغا ئىشىنىپ تايانغان ئادەم نېمىدېگەن بەختلىكتۇر!
9 |י| ئى ئۇنىڭ مۇقەددەس بەندىلىرى، پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىڭلار!
چۈنكى ئۇنىڭدىن ئەيمىنىدىغانلارنىڭ ھېچ نەرسىسى كەم بولماس.
10 |כ| كۈچلۈك ئارسلانلار ئوزۇقسىز قېلىپ ئاچ قالسىمۇ،
ئەمما پەرۋەردىگارنى ئىزدىگۈچىلەرنىڭ ھېچبىر ياخشى نەرسىسى كەم بولماس.[d]
11 |ל| كېلىڭلار بالىلىرىم، ماڭا قۇلاق سېلىڭلار؛
مەن سىلەرگە پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىشنى ئۆگىتىپ قوياي.
12 |מ| ھاياتنى ئەتىۋارلايدىغان كىشى كىم؟
كىمنىڭ ئۇزۇن ۋە ياخشى كۈنلەرنى كۆرگۈسى بار؟[e]
13 |נ| ئۇنداقتا تىلىڭنى يامانلىقتىن تارتىپ يۈر،
لەۋلىرىڭ مەككارلىقتىن نېرى بولسۇن؛
14 |ס| يامانلىقتىن ئايرىلىپ يىراق بولۇپ، گۈزەل ئەمەللەرنى قىلىپ يۈر؛
ئامان-خاتىرجەملىكنى ئىزدەپ، ئۇنى قوغلاپ يۈر.□ «ئامان-خاتىرجەملىكنى ئىزدەپ...» ــ ياكى «ھەممەيلەن بىلەن ئىناق ئۆتۈشكە تىرىشىپ،...».
15 |ע| پەرۋەردىگارنىڭ كۆزى ھەققانىيلارنىڭ ئۈستىدە تۇرىدۇ،
ئۇنىڭ قۇلىقى ئۇلارنىڭ ئىلتىجالىرىغا ئوچۇق تۇرىدۇ؛[~7~]
16 |פ| پەرۋەردىگارنىڭ چىرايى رەزىللىك قىلغۇچىلارغا قارشى چىقار،
ئۇلارنىڭ ھەرقانداق نام-خاتىرىلىرىنى يەر يۈزىدىن ئېلىپ تاشلار؛
17 |צ| ھەققانىيلار ئىلتىجا قىلىدۇ،
پەرۋەردىگار ئاڭلايدۇ، ئۇلارنى بارلىق ئازاب-مۇشەققەتلىرىدىن قۇتقۇزىدۇ؛
18 |ק| پەرۋەردىگار كۆڭلى سۇنۇقلارغا يېقىندۇر،
روھى ئېزىلگەنلەرنى قۇتقۇزىدۇ.□ «پەرۋەردىگار كۆڭلى سۇنۇقلارغا يېقىندۇر، روھى ئېزىلگەنلەرنى قۇتقۇزىدۇ» ــ بۇ ئايەتتىكى «كۆڭلى سۇنۇقلار» ھەمدە «روھى ئېزىلگەنلەر»، شۈبھىسىزكى، توۋا قىلغانلارنى كۆرسىتىدۇ. [~9~]
19 |ר| ھەققانىيلار دۇچ كەلگەن ئاۋارىچىلىكلەر كۆپتۇر؛
بىراق پەرۋەردىگار ئۇلارنى بۇلارنىڭ ھەممىسىدىن قۇتقۇزىدۇ.[~10~]
20 |ש| ئۇ ھەققانىينىڭ سۆڭەكلىرىنى ساق قالدۇرىدۇ،
ئۇلاردىن بىرسىمۇ سۇنۇپ كەتمەيدۇ.[~11~]
21 |ח| يامانلىقنىڭ ئۆزى رەزىللەرنى ئۆلتۈرىدۇ؛
ھەققانىيلارغا نەپرەتلىنىدىغانلار گۇناھتا قالىدۇ.
22 |פ| پەرۋەردىگار ئۆز قۇللىرىنىڭ جانلىرىنى بەدەل تۆلەپ ھۆرلۈككە چىقىرىدۇ؛
ئۇنىڭغا تايانغانلاردىن ھېچكىمگە گۇناھ بېكىتىلمەيدۇ.□ «پەرۋەردىگار ئۆز قۇللىرىنىڭ جانلىرىنى بەدەل تۆلەپ ھۆرلۈككە چىقىرىدۇ» ــ بۇ يەردە ئىشلەتكەن پېئىل («بەدەل تۆلەپ ھۆرلۈككە چىقىرىدۇ») ئادەتتە قۇللارنى (مەلۇم باھادا) قۇللۇقتىن ئازاد قىلىش، ھۆر قىلىشنى بىلدۈرىدۇ.
-
a « א ئالەف، ئىبرانىي تىلىدىكى بىرىنچى ھەرپ» ــ بۇ كۈي «ئېلىپبە تەرتىپىلىك» كۈي. ھەربىر ئايەت ئالدىدا ئىبرانىي ھەرپلەر كۆرسىتىلىدۇ (10-كۈيگە بېرىلگەن، «ئېلىپبە تەرتىپىلىك كۈي» توغرۇلۇق ئىزاھاتنىمۇ كۆرۈڭ). «مەن ھەرقانداق ۋاقىتلاردا پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرىمەن» ــ «تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرۇش» دېگەن سۆز ئىبرانىي تىلىدا «(خۇداغا) رەھمەت ئېيتىش»، «ئۇنى ئۇلۇغلاش» دېگەن مەنىدە كېلىدۇ، ئۇنىڭ يەنە «خۇدانى خۇرسەن قىلىش» دېگەن مەنىسىمۇ بار. «تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرۇش» دېگەننىڭ ئىبرانىي تىلىدىكى شەكلى ئەرەب تىلىدىكى «مۇبارەكلەش» دېگەن سۆزگە ئوخشاپ كېتىدۇ؛ دېمەك، خۇداغا ««بارەك» (بەرىكەت) يەتكۈزۈش».
■34:1 1سام. 21:13
c ««پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى» ياكى «پەرۋەردىگارنىڭ ئەلچىسى»» ــ تەۋرات دەۋرىدە ئىنتايىن ئالاھىدە بىر شەخس ئىدى. «تەبىرلەر»نى كۆرۈڭ. «پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى» بەزى ئىشلاردا خۇدانىڭ ئورنىدا كۆرۈنەتتى (مەسىلەن، «يار.» 7:16-14، 18-بابنى، «تەبىرلەر»نىمۇ كۆرۈڭ).■34:10 ئايۇپ 4:11
■34:12 1پېت. 3:10
~6~ «ئامان-خاتىرجەملىكنى ئىزدەپ...» ــ ياكى «ھەممەيلەن بىلەن ئىناق ئۆتۈشكە تىرىشىپ،...».■34:15 ئايۇپ 36:7؛ زەب. 33:18؛ 1پېت. 3:12
~8~ «پەرۋەردىگار كۆڭلى سۇنۇقلارغا يېقىندۇر، روھى ئېزىلگەنلەرنى قۇتقۇزىدۇ» ــ بۇ ئايەتتىكى «كۆڭلى سۇنۇقلار» ھەمدە «روھى ئېزىلگەنلەر»، شۈبھىسىزكى، توۋا قىلغانلارنى كۆرسىتىدۇ.■34:18 2تىم. 3:11
■34:19 2تىم. 3:12
■34:20 يـۇھ. 19:36
~12~ «پەرۋەردىگار ئۆز قۇللىرىنىڭ جانلىرىنى بەدەل تۆلەپ ھۆرلۈككە چىقىرىدۇ» ــ بۇ يەردە ئىشلەتكەن پېئىل («بەدەل تۆلەپ ھۆرلۈككە چىقىرىدۇ») ئادەتتە قۇللارنى (مەلۇم باھادا) قۇللۇقتىن ئازاد قىلىش، ھۆر قىلىشنى بىلدۈرىدۇ.
Languages