19
19-كۈي •••• ئالەم ھەم تەۋرات خۇدانىڭ شەرىپىدۇر! 
 1 داۋۇت يازغان كۈي: ــ 
ئەرشلەر تەڭرىنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى جاكارلايدۇ، 
ئاسمان گۈمبىزى ئۇنىڭ قولى ياسىغانلىرىنى نامايان قىلىدۇ؛ 
 2 ئۇلارنىڭ سۆزلىرى كۈن-كۈنلەر دەريادەك ئېقىۋاتىدۇ؛ 
كېچە-كېچىلەپ ئۇلار بىلىمنى ئايان قىلىۋاتىدۇ.□ «ئۇلارنىڭ سۆزلىرى كۈن-كۈنلەر دەريادەك ئېقىۋاتىدۇ» ــ «ئۇلار» ئەرشلەر ۋە ئاسمان گۈمبىزىنى كۆرسىتىدۇ. «ئۇلارنىڭ سۆزلىرى كۈن-كۈنلەر دەريادەك ئېقىۋاتىدۇ؛ كېچە-كېچىلەپ ئۇلار بىلىمنى ئايان قىلىۋاتىدۇ» ــ ئايەتنىڭ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى «كۈن باشقا بىر كۈنگە گەپلىرىنى تۆكىدۇ، كېچە باشقا بىر كېچىگە سۆز قىلماقتا». 
 3 تىلسىز ھەم ئاۋازسىز بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ساداسى ئالەمگە ئاڭلانماقتا.□ «تىلسىز ھەم ئاۋازسىز بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ساداسى ئالەمگە ئاڭلانماقتا» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى «ئالەمدە ھەرقانداق بىر تىل ئۇلارنىڭ ساداسىنى ئاڭلاپ چۈشىنەلەيدۇ». 
 4 ئۇلارنىڭ ئۆلچەم تانىسى يەر يۈزىدە تارتىلماقتا؛ 
ئۇلارنىڭ سۆزلىرى ئالەمنىڭ چېتىگىچە يەتمەكتە. 
ئۇلارنىڭ ئىچىدە خۇدا قۇياش ئۈچۈن چېدىر تىككەن،□ «ئۇلارنىڭ ئۆلچەم تانىسى يەر يۈزىدە تارتىلماقتا» ــ بۇ «ئۆلچەم تانىسى» بەلكىم ئىنساننىڭ تەسەۋۋۇر-ئويلىرىنى ئۆلچىگۈچى بولۇشى مۇمكىن.  [d] 
 5 قۇياش ھۇجرىسىدىن تويغا چىققان يىگىتتەك چىقىدۇ، 
بەيگىگە چۈشىدىغان پالۋاندەك شادلىنىدۇ؛[e] 
 6 ئاسمانلارنىڭ بىر چېتىدىن ئۆرلەيدۇ، 
جاھاننىڭ ئۇ چېتىگىچە چۆرگىلەيدۇ، 
ئۇنىڭ ھارارىتىدىن ھېچقانداق مەخلۇقات يوشۇرۇنالمايدۇ. 
 7 پەرۋەردىگارنىڭ تەۋرات-قانۇنى مۇكەممەلدۇر، 
ئۇ ئىنسان ۋۇجۇدىنى يېڭىلايدۇ؛ 
پەرۋەردىگار بەرگەن ھۆكۈم-گۇۋاھلار مۇقىم-ئىشەنچلىك ، 
ئۇ نادانلارنى دانا قىلىدۇ.□ «پەرۋەردىگارنىڭ تەۋرات-قانۇنى مۇكەممەلدۇر» ــ «تەۋرات-قانۇن» تووغرۇلۇق: «تەۋرات» (توراھ) ئىبرانىي تىلى بولۇپ، مۇشۇ يەردە «قانۇن، تەلىم، يوليورۇق» دېگەن مەنىدە ئىشلىتىلىدۇ. «تەۋرات قانۇنى» دېگەن ئىبارە ئادەتتە مۇسا پەيغەمبەر ئارقىلىق كەلتۈرۈلگەن تەۋراتتىكى «يارىتىلىش»، «مىسىردىن چىقىش»، «لاۋىيلار» «چۆل-باياۋاندىكى سەپەر» ھەم «قانۇن شەرھى» دېگەن ئالدىنقى بەش قىسىمنىڭ قانۇن-پەرمانلىق مەزمۇنىنى كۆرسىتىدۇ.  [~7~] 
 8 پەرۋەردىگارنىڭ كۆرسەتمىلىرى دۇرۇس، 
ئۇ قەلبنى شادلاندۇرىدۇ؛ 
پەرۋەردىگارنىڭ پەرمانلىرى يورۇقلۇقتۇر، 
ئۇ كۆزلەرنى نۇرلاندۇرىدۇ.□ «پەرۋەردىگارنىڭ پەرمانلىرى يورۇقلۇقتۇر» ــ ياكى «پەرۋەردىگارنىڭ پەرمانلىرى روشەندۇر» ياكى «پەرۋەردىگارنىڭ پەرمانلىرى پاكتۇر». 
 9 پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىش پاك ئىشتۇر، ئۇ مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ؛ 
پەرۋەردىگارنىڭ ھۆكۈملىرى ھەقتۇر، 
ھەربىرى تامامەن ھەققانىيەتتۇر. 
 10 ئۇلار ئالتۇندىن، بەرھەق كۆپ ساپ ئالتۇندىن قىممەتلىكتۇر؛ 
ھەسەلدىن، ھەسەل جەۋھىرىدىن شېرىندۇر؛[~9~] 
 11 ئۇلار بىلەن قۇلۇڭ ئويغىتىلىدۇ؛ 
ئىنسان ئۇلارغا رىئايە قىلىشتا چىڭ تۇرسا چوڭ مۇكاپات باردۇر. 
 12 كىم ئۆز خاتالىقلىرىنى بىلىپ يېتەلىسۇن؟ 
مېنى بىلىپ-بىلمەي قىلغان گۇناھلىرىمدىن ساقىت قىلغايسەن؛ 
 13 ئۆز قۇل-چاكارىڭنى باشباشتاق گۇناھلاردىن تارتقايسەن؛ 
بۇ گۇناھلارنى ماڭا خوجايىن قىلدۇرمىغايسەن؛ 
شۇنىڭ بىلەن مەن قۇسۇرسىز بولىمەن، 
ئېغىر گۇناھتىن خالىي بولغايمەن. 
 14 ئى پەرۋەردىگار، مېنىڭ قورام تېشىم ۋە ھەمجەمەت-نىجاتكارىم، 
- 
a  «ئۇلارنىڭ سۆزلىرى كۈن-كۈنلەر دەريادەك ئېقىۋاتىدۇ» ــ «ئۇلار» ئەرشلەر ۋە ئاسمان گۈمبىزىنى كۆرسىتىدۇ. «ئۇلارنىڭ سۆزلىرى كۈن-كۈنلەر دەريادەك ئېقىۋاتىدۇ؛ كېچە-كېچىلەپ ئۇلار بىلىمنى ئايان قىلىۋاتىدۇ» ــ ئايەتنىڭ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى «كۈن باشقا بىر كۈنگە گەپلىرىنى تۆكىدۇ، كېچە باشقا بىر كېچىگە سۆز قىلماقتا».
b  «تىلسىز ھەم ئاۋازسىز بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ساداسى ئالەمگە ئاڭلانماقتا» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى «ئالەمدە ھەرقانداق بىر تىل ئۇلارنىڭ ساداسىنى ئاڭلاپ چۈشىنەلەيدۇ».
c  «ئۇلارنىڭ ئۆلچەم تانىسى يەر يۈزىدە تارتىلماقتا» ــ بۇ «ئۆلچەم تانىسى» بەلكىم ئىنساننىڭ تەسەۋۋۇر-ئويلىرىنى ئۆلچىگۈچى بولۇشى مۇمكىن.
■19:4 رىم. 10:18
■19:5 توپ. 1:5
f «پەرۋەردىگارنىڭ تەۋرات-قانۇنى مۇكەممەلدۇر» ــ «تەۋرات-قانۇن» تووغرۇلۇق: «تەۋرات» (توراھ) ئىبرانىي تىلى بولۇپ، مۇشۇ يەردە «قانۇن، تەلىم، يوليورۇق» دېگەن مەنىدە ئىشلىتىلىدۇ. «تەۋرات قانۇنى» دېگەن ئىبارە ئادەتتە مۇسا پەيغەمبەر ئارقىلىق كەلتۈرۈلگەن تەۋراتتىكى «يارىتىلىش»، «مىسىردىن چىقىش»، «لاۋىيلار» «چۆل-باياۋاندىكى سەپەر» ھەم «قانۇن شەرھى» دېگەن ئالدىنقى بەش قىسىمنىڭ قانۇن-پەرمانلىق مەزمۇنىنى كۆرسىتىدۇ.■19:7 2سام. 22:31؛ زەب. 18:30
~8~ «پەرۋەردىگارنىڭ پەرمانلىرى يورۇقلۇقتۇر» ــ ياكى «پەرۋەردىگارنىڭ پەرمانلىرى روشەندۇر» ياكى «پەرۋەردىگارنىڭ پەرمانلىرى پاكتۇر».■19:10 زەب. 119:72،103،127؛ پەند. 8:11
~10~ «ئى پەرۋەردىگار، مېنىڭ قورام تېشىم ۋە ھەمجەمەت-نىجاتكارىم» ــ «ھەمجەمەت-نىجاتكار» ياكى «ھەمجەمەت-قۇتقۇزغۇچى» توغرۇلۇق: ــ ئىبرانىي تىلىدا «گوئېل» دېگەن بۇ سۆزنىڭ ئالاھىدە مەنىسى بار. بىرسى كەمبەغەل بولۇپ، ئۆزىنى قۇللۇققا سېتىۋەتكەن بولسا ياكى باشقا قىيىن ئەھۋالغا ئۇچراپ مال-مۈلۈكىنى ساتقان بولسا، مۇسا پەيغەمبەر تاپشۇرۇۋالغان قانۇنغا ئاساسەن، مۇشۇ كىشىنىڭ ئۆزىنىڭ يېقىن ئۇرۇق-تۇغقانلىرى، ھەمجەمەتلىرى بۇ كىشىنى ھۆرلۈككە چىقىرىپ قۇتقۇزۇش ھوقۇقى بار ئىدى. دېمەك، «ھەمجەمەت-قۇتقۇزغۇچى» ئۆز قېرىندىشىنى ھۆر قىلماقچى بولسا، ئۇنى قۇتقۇزالايتتى. ھوقۇقنى ئىشلىتىش «ھەمجەمەت-قۇتقۇزغۇچى»نىڭ ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن بولاتتى، ئەلۋەتتە. بىرسى ئۆز ئۇرۇق-تۇغقىنىغا «ھەمجەمەت-قۇتقۇزغۇچى» بولۇپ ئۇنى قۇتقۇزماقچى بولسا، ھېچكىم ئۇنى توسالمايتتى. شۇڭا پەيغەمبەرلەر خۇدانىڭ قۇتقۇزغۇچى ئىكەنلىكىنى بايان قىلىش ئۈچۈن پات-پات دەل مۇشۇ سۆزنى ئىشلىتىدۇ. دېمەك، خۇدا ئۆز بەندىسىگە ياكى خەلقىگە «ھەمجەمەت»لىك قىلىپ، ئۇلارنىڭ «گوئېل»ى، يەنى «ھەمجەمەت-قۇتقۇزغۇچى»سى بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۆز خەلقىنى قۇتقۇزۇشى ئۆز ئىختىيارىلىقى بىلەن، ئەلۋەتتە! Languages
Languages