149
149-كۈي •••• قىيامەت كۈنىدىكى غەلىبە ئۈچۈن مەدھىيىلەڭلار!
1 ھەمدۇسانا!
پەرۋەردىگارغا ئاتاپ يېڭى بىر ناخشىنى ئوقۇڭلار؛
مۆمىن بەندىلەرنىڭ جامائىتىدە ئۇنىڭ مەدھىيىسىنى ئېيتىڭلار!
2 ئىسرائىل ئۆز ياراتقۇچىسىدىن شادلانسۇن؛
زىئون ئوغۇللىرى ئۆز پادىشاھىدىن خۇش بولغاي![a]
3 ئۇلار ئۇنىڭ نامىنى ئۇسسۇل بىلەن مەدھىيىلىسۇن؛
ئۇنىڭغا كۈيلەرنى داپ ھەم چىلتارغا تەڭشەپ ئېيتسۇن![~2~]
4 چۈنكى پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىدىن سۆيۈنەر؛
ئۇ ياۋاش مۆمىنلەرنى نىجاتلىق بىلەن بېزەيدۇ؛
5 ئۇنىڭ مۆمىن بەندىلىرى شان-شەرەپتە روھلىنىپ شاد بولغاي،
6 ئاغزىدا تەڭرىگە يۈكسەك مەدھىيىلىرى بولسۇن،
قوللىرىدا قوش بىسلىق قىلىچ تۇتۇلسۇن؛[~4~]
7 شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئەللەر ئۈستىدىن قىساس،
خەلقلەرگە جازا بەجا يۈرگۈزىدۇ؛
8 ئەللەرنىڭ پادىشاھلىرىنى زەنجىرلەر بىلەن،
ئاقسۆڭەكلىرىنى تۆمۈر كىشەنلىرى بىلەن باغلايدۇ؛[~5~]
9 ئۇلارنىڭ ئۈستىگە پۈتۈلگەن ھۆكۈمنى بەجا كەلتۈرىدۇ ــ
ئۇنىڭ بارلىق مۆمىن بەندىلىرى مۇشۇ شەرەپكە نېسىپ بولىدۇ!
ھەمدۇسانا![~6~]
■149:2 زەب. 100:3
■149:3 زەب. 81:2-4
~3~ «ئورۇنلىرىدا يېتىپ شاد ئاۋازىنى ياڭراتقاي!» ــ «ورۇنلىرىدا يېتىش» بەلكىم: ــ (1) يەھۇدىيلارنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرى بويىچە، زىياپەتلەردە مېھمانلار ئۈچۈن كۆرپىلەر سېلىنىپ، مېھمانلار يېنىچىلاپ يېتىپ داستىخاندىن ئالىدۇ؛ شۇڭا مۇشۇ يەردە خۇشاللىق زىياپەتلەرنى كۆرسىتىدۇ؛ (2) مۆمىن بەندىلەر شۇنچە خۇشال بولۇپ، خۇشاللىقىدىن ئۇخلىيالمايدۇ؛ (3) ئۆزلىرىنىڭ ئامان-ئېسەن يېتىپ-قوپۇشلىرى ئۈچۈن شادلىنىشى كېرەك.■149:6 2تېـس. 2:8؛ ئىبر. 4:12؛ ۋەھ. 1:16
■149:8 مات. 18:18
■149:9 قان. 4:6
Languages