148
148-كۈي •••• پۈتكۈل ئالەم، پەرۋەردىگارنى ئۇلۇغلاڭلار! 
 1 ھەمدۇسانا! 
پەرۋەردىگارنى ئاسمانلاردىن مەدھىيىلەڭلار؛ 
يۇقىرى جايلاردا ئۇنى مەدھىيىلەڭلار؛[a] 
 2 ئۇنى مەدھىيىلەڭلار، بارلىق پەرىشتىلىرى؛ 
ئۇنى مەدھىيىلەڭلار، بارلىق قوشۇنلىرى! 
 3 ئۇنى مەدھىيىلەڭلار، ئى قۇياش ھەم ئاي، 
ئۇنى مەدھىيىلەڭلار، ھەممە پارلاق يۇلتۇزلار؛ 
 4 ئۇنى مەدھىيىلەڭلار، ئاسمانلارنىڭ ئاسمانلىرى، 
ئاسماندىن يۇقىرى جايلاشقان سۇلار! 
 5 بۇلار پەرۋەردىگارنىڭ نامىنى مەدھىيىلىسۇن؛ 
چۈنكى ئۇ بۇيرۇغان ھامان، ئۇلار ياراتىلغاندۇر؛[~2~] 
 6 ئۇ ئۇلارنى ئەبەدىلئەبەدگىچە تۇرغۇزدى؛ 
ئۇلار ئۈچۈن ۋاقتى ئۆتمەيدىغان بەلگىلىمىنى بۇيرۇغان.[~3~] 
 7 پەرۋەردىگارنى زېمىندىن مەدھىيىلەڭلار، 
دېڭىزدىكى بارلىق ئەجدىھالار، دېڭىزنىڭ بارلىق تەگلىرى؛ 
 8 ئوت، مۆلدۈز، قار، تۇمان، 
ئۇنىڭ سۆزىگە ئەمەل قىلىدىغان جۇدۇنلۇق شامال؛ 
 9 تاغلار ھەم بارلىق دۆڭلەر، 
مېۋىلىك دەرەخلەر، بارلىق كېدىر دەرەخلىرى، 
 10 ياۋايى ھايۋانلار، بارلىق مال-ۋارانلار، 
ئۆمىلىگۈچىلەر ھەم ئۇچار-قاناتلار؛ 
 11 جاھان پادىشاھلىرى ۋە بارلىق قوۋملار، 
ئەمىرلەر ھەم يەر يۈزىدىكى بارلىق ھاكىم-سوتچىلار؛ 
 12 ھەم يىگىتلەر ھەم قىزلار، 
بوۋايلار ۋە ياشلار، ــ 
 13 ھەممىسى پەرۋەردىگارنىڭ نامىنى مەدھىيىلىسۇن؛ 
چۈنكى پەقەتلا ئۇنىڭ نامى ئالىيدۇر؛ 
ئۇنىڭ ھەيۋىتى يەر ھەم ئاسماندىن ئۈستۈن تۇرىدۇ.[~4~] 
 14 ھەم ئۇ ئۆز خەلقىنىڭ مۈڭگۈزىنى، 
يەنى بارلىق مۇقەددەس بەندىلىرىنىڭ مەدھىيىسىنى ئېگىز كۆتۈرگۈزگەن؛ 
ئۇلار ئىسرائىل بالىلىرى، 
ئۆزىگە يېقىن بىر خەلقتۇر! 
ھەمدۇسانا!□ «ئۆز خەلقىنىڭ مۈڭگۈزىنى، يەنى بارلىق مۇقەددەس بەندىلىرىنىڭ مەدھىيىسى...» ــ تەۋراتتا «مۈڭگۈز» ئادەتتە ئادەمنىڭ نام-شۆھرىتى ياكى ھوقۇقىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ ئايەتتە ئۇ ئىسرائىلنىڭ خۇداغا بولغان مەدھىيىلىرىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ ئايەتتىكى «كۆتۈرۈش» ئادەمنىڭ قولى بىلەن كۆتۈرۈش ئەمەس، بەلكى خۇدا ئۇلارنىڭ مەدھىيە ئاۋازلىرىنى كۆتۈرۈشىنى بىلدۈرىدۇ.  [~6~] 
■148:1 لۇقا 2:14؛ ۋەھ. 5:13
■148:5 يار. 1:6-31؛ زەب. 33:6، 9
■148:6 ئايۇپ 14:5،13؛ 26:10؛ 38:33؛ زەب. 104:5؛ 119:91؛ يەر. 31:35؛ 33:25
■148:13 پەند. 18:10؛ يەش. 12:4
~5~ «ئۆز خەلقىنىڭ مۈڭگۈزىنى، يەنى بارلىق مۇقەددەس بەندىلىرىنىڭ مەدھىيىسى...» ــ تەۋراتتا «مۈڭگۈز» ئادەتتە ئادەمنىڭ نام-شۆھرىتى ياكى ھوقۇقىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ ئايەتتە ئۇ ئىسرائىلنىڭ خۇداغا بولغان مەدھىيىلىرىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ ئايەتتىكى «كۆتۈرۈش» ئادەمنىڭ قولى بىلەن كۆتۈرۈش ئەمەس، بەلكى خۇدا ئۇلارنىڭ مەدھىيە ئاۋازلىرىنى كۆتۈرۈشىنى بىلدۈرىدۇ.■148:14 زەب. 132:17
 Languages
Languages