146
146-كۈي •••• خۇدا مەدھىيىلەنسۇن! 
 1 ھەمدۇسانا! 
ئى جېنىم، پەرۋەردىگارنى مەدھىيىلە! 
 2 مەن ھايات بولساملا، پەرۋەردىگارنى مەدھىيىلەيمەن؛ 
ۋۇجۇدۇم بار بولسىلا خۇدايىمغا كۈي ئېيتىمەن. 
 3 ئېسىلزادىلەرگىمۇ، 
ئىنسان بالىسىغىمۇ تايانماڭلار، 
ئۇلاردا ھېچ مەدەت-نىجاتلىق يوقتۇر.[a] 
 4 مانا، ئۇنىڭ نەپىسى كېتىدۇ، 
ئۇ ئۆز تۇپرىقىغا قايتىپ كېتىدۇ؛ 
شۇ كۈندىلا ئارزۇ-نىيەتلىرى يوقاپ كېتىدۇ.□ «ئۇ ئۆز تۇپرىقىغا قايتىپ كېتىدۇ» ــ ئىبرانىي تىلىدا: «ئادەم» ھەم «تۇپراق، توپا» بىر سۆزدۇر. 
 5 ياقۇپنىڭ تەڭرىسى مەدەتكارى بولغان ئادەم، 
پەرۋەردىگار خۇداسىنى ئۆز ئۈمىدى قىلغان ئادەم بەختلىكتۇر! 
 6 ئۇ ئاسمانلارنى، زېمىننى، 
دېڭىزنى ھەم ئۇنىڭدا بار مەۋجۇداتلارنى ياراتقاندۇر؛ 
ئۇ ھەقىقەت-ساداقەتتە مەڭگۈ تۇرىدۇ؛ 
 7 ئېزىلگۈچىلەر ئۈچۈن ئۇ ھۆكۈم سۈرىدۇ؛ 
ئاچ قالغانلارغا نان بېرىدۇ. 
پەرۋەردىگار مەھبۇسلارنى ئازاد قىلىدۇ؛ 
 8 پەرۋەردىگار كورلارنىڭ كۆزلىرىنى ئاچىدۇ؛ 
پەرۋەردىگار ئېگىلىپ قالغانلارنى تۇرغۇزىدۇ؛ 
پەرۋەردىگار ھەققانىيلارنى سۆيىدۇ.[~3~] 
 9 پەرۋەردىگار مۇساپىرلاردىن خەۋەر ئالىدۇ؛ 
يېتىم-يېسىرلەرنى، تۇل خوتۇننى يۆلەيدۇ؛ 
بىراق رەزىللەرنىڭ يولىنى ئەگرى-بۈگرى قىلىدۇ. 
 10 پەرۋەردىگار مەڭگۈگە ھۆكۈم سۈرىدۇ؛ 
ئى زىئون، سېنىڭ خۇدايىڭ دەۋردىن-دەۋرگىچە ھۆكۈم سۈرىدۇ! 
ھەمدۇسانا![~4~] 
 Languages
Languages