145
145-كۈي •••• خۇدانىڭ قىلغان ئۇلۇغ ئەمەللىرىنى كېيىنكى ئەۋلادقا بايان قىلىش •••• «ئېلىپبە تەرتىپىلىك» كۈي 
 1 مەدھىيە: داۋۇت يازغان كۈي: ــ 
|א| مەن سېنى مەدھىيىلەپ ئۇلۇغلايمەن، خۇدايىم، ئى پادىشاھ؛ 
نامىڭغا ئەبەدىلئەبەدگىچە تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرىمەن. 
 2 |ב| ھەركۈنى ساڭا تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرىمەن، 
نامىڭغا ئەبەدىلئەبەدگىچە تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرىمەن! 
 3 |ג| ئۇلۇغدۇر پەرۋەردىگار، زور مەدھىيىلەرگە لايىقتۇر! 
ئۇنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى سۈرۈشتۈرۈپ بولغىلى بولماس؛[a] 
 4 |ד| بىر دەۋر يېڭى بىر دەۋرگە سېنىڭ قىلغانلىرىڭنى ماختايدۇ؛ 
ئۇلار قۇدرەتلىك قىلغانلىرىڭنى جاكارلايدۇ؛[~2~] 
 5 |ה| مەن ھەيۋىتىڭنىڭ شەرەپلىك جۇلالىقىنى، 
ۋە كارامەت مۆجىزىلىرىڭنى سېغىنىپ سۆزلەيمەن؛ 
 6 |ו|: شۇنىڭ بىلەن ئۇلار قورقۇنچلۇق ئىشلىرىڭنىڭ قۇدرىتىنى بايان قىلىدۇ؛ 
مەنمۇ ئۇلۇغ ئەمەللىرىڭنى جاكارلايمەن! 
 7 |ז| ئۇلار زور مېھرىبانلىقىڭنى ئەسلەپ، ئۇنى مۇبارەكلەپ تارقىتىدۇ، 
ھەققانلىيلىقىڭ توغرۇلۇق يۇقىرى ئاۋازدا كۈيلەيدۇ.[~3~] 
 8 |ח| پەرۋەردىگار مېھىر-شەپقەتلىك ھەم رەھىمدىلدۇر؛ 
ئاسان غەزەپلەنمەيدۇ، ئۇ زور مېھىر-مۇھەببەتلىكتۇر؛[~4~] 
 9 |ט| پەرۋەردىگار ھەممىگە مېھرىباندۇر؛ 
ئۇنىڭ رەھىمدىللىقلىرى بارچە ياراتقانلىرىنىڭ ئۈستىدىدۇر؛ 
 10 |י| سېنىڭ بارلىق ياسىغانلىرىڭ سېنى مەدھىيىلەيدۇ، ئى پەرۋەردىگار، 
سېنىڭ مۆمىن بەندىلىرىڭ ساڭا تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرىدۇ. 
 11 |כ| ئۇلار پادىشاھلىقىڭنىڭ شەرىپىدىن خەۋەر يەتكۈزىدۇ، 
كۈچ-قۇدرىتىڭنى سۆزلەيدۇ؛ 
 12 |ל| شۇنداق قىلىپ ئىنسان بالىلىرىغا قۇدرەتلىك ئىشلىرىڭ، 
پادىشاھلىقىڭنىڭ شەرەپلىك ھەيۋىسى ئايان قىلىنىدۇ. 
 13 |מ| سېنىڭ پادىشاھلىقىڭ ئەبەدىي پادىشاھلىقتۇر، 
سەلتەنىتىڭ ئەۋلادتىن-ئەۋلادقىچىدۇر.□ «ئىزاھات» ــ يېقىندا بەزى كونا كۆچۈرۈلمىلەردىن 13- ۋە 14-ئايەتنىڭ ئارىلىقىدا: ــ 
« נ پەرۋەردىگار ۋەدىسىدە چىڭ تۇرىدۇ؛ بارلىق ياراتقانلىرىغا مېھرىباندۇر» دېگەن مەزمۇن بولغان يەنە بىر نۇسخىسى تېپىلغان (ئىبرانىي تىلىدا «نۇن» بىلەن باشلىنىدۇ).
« נ پەرۋەردىگار ۋەدىسىدە چىڭ تۇرىدۇ؛ بارلىق ياراتقانلىرىغا مېھرىباندۇر» دېگەن مەزمۇن بولغان يەنە بىر نۇسخىسى تېپىلغان (ئىبرانىي تىلىدا «نۇن» بىلەن باشلىنىدۇ).
 14 |ס| پەرۋەردىگار يىقىلاي دېگەنلەرنىڭ ھەممىسىنى يۆلەيدۇ، 
ئېگىلىپ قالغانلارنىڭ ھەممىسىنى تۇرغۇزىدۇ. 
 15 |ע| ھەممەيلەننىڭ كۆزلىرى ساڭا تىكىلىپ كۈتىدۇ؛ 
ئۇلارغا ئۆز ۋاقتىدا رىزقىنى تەقسىم قىلىپ بېرىسەن؛[~6~] 
 16 |פ| قولۇڭنى ئېچىشىڭ بىلەنلا، 
بارلىق جان ئىگىلىرىنىڭ ئارزۇسىنى قاندۇرىسەن. 
 17 |צ| پەرۋەردىگار بارلىق يوللىرىدا ھەققانىيدۇر، 
ياسىغانلىرىنىڭ ھەممىسىگە مۇھەببەتلىكتۇر. 
 18 |ק| پەرۋەردىگار ئۆزىگە نىدا قىلغانلارنىڭ ھەممىسىگە يېقىندۇر، 
ئۆزىگە ھەقىقەتتە نىدا قىلغانلارنىڭ ھەممىسىگە يېقىندۇر؛ 
 19 |ר| ئۇ ئۆزىدىن ئەيمىنىدىغانلارنىڭ ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ؛ 
ئۇلارنىڭ پەريادىنى ئاڭلاپ ئۇلارنى قۇتقۇزىدۇ. 
 20 |ש| پەرۋەردىگار ئۆزىنى سۆيگەنلەرنىڭ ھەممىسىدىن خەۋەر ئالىدۇ؛ 
رەزىللەرنىڭ ھەممىسىنى يوقىتىدۇ. 
 21 |ת| ئاغزىم پەرۋەردىگارنىڭ مەدھىيىسىنى ئېيتىدۇ؛ 
بارلىق ئەت ئىگىلىرى ئەبەدىلئەبەد ئۇنىڭ مۇقەددەس نامىغا تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرغاي! 
■145:3 ئايۇپ 5:9؛ زەب. 48:1؛ 96:4؛ 150:2
■145:4 قان. 4:9؛ 6:7
■145:7 زەب. 119:171-172
■145:8 مىس. 34:6، 7؛ چۆل. 14:18؛ زەب. 86:15؛ 103:8
~5~ «ئىزاھات» ــ يېقىندا بەزى كونا كۆچۈرۈلمىلەردىن 13- ۋە 14-ئايەتنىڭ ئارىلىقىدا: ــ « נ پەرۋەردىگار ۋەدىسىدە چىڭ تۇرىدۇ؛ بارلىق ياراتقانلىرىغا مېھرىباندۇر» دېگەن مەزمۇن بولغان يەنە بىر نۇسخىسى تېپىلغان (ئىبرانىي تىلىدا «نۇن» بىلەن باشلىنىدۇ).■145:15 زەب. 104:27
 Languages
Languages