142
142-كۈي •••• يار-يۆلەكسىزلىكتىكى دۇئا 
 1 داۋۇت غاردا يوشۇرۇنۇپ تۇرغان ۋاقىتتا يازغان «ماسقىل»: ــ 
مەن پەرۋەردىگارغا ئاۋازىمنى ئاڭلىتىپ نالە-پەرياد كۆتۈرىمەن؛ 
پەرۋەردىگارغا ئاۋازىم بىلەن يېلىنىمەن؛□ «داۋۇت غاردا يوشۇرۇنۇپ تۇرغان ۋاقىتتا يازغان «ماسقىل»: ــ....» ــ داۋۇت پەيغەمبەر سائۇل پادىشاھتىن قېچىپ، ئىككى قېتىم غاردا يوشۇرۇنغان ۋاقتىدىكى ۋەقەلەر «تەۋرات، «1سام.» 22- ھەم 24-بابتا يېزلىغان. 
 2 ئۇنىڭ ئالدىدا داد-زارلىرىمنى تۆكىمەن؛ 
ئۇنىڭغا ئاۋارىچىلىكىمنى ئېيتىمەن. 
 3 روھىم ئىچىمدە تۈگىشەي دەپ قالغاندا، 
شۇ چاغدا باسقان يولۇمنى بىلگەنسەن؛ 
مەن ماڭغان يولدا ئۇلار ماڭا قىلتاق سالدى.[~2~] 
 4 ئوڭ يېنىمغا قاراپ باققايسەن؛ 
ئەتراپىمدا مېنى تونۇيدىغان ئادەم يوقتۇر؛ 
پاناھگاھ يوقاپ كەتتى؛ 
ھېچ ئادەم جېنىمغا كۆيۈنمەيدۇ. 
 5 مەن ساڭا پەرياد كۆتۈردۈم، ئى پەرۋەردىگار؛ 
ساڭا: «سەن مېنىڭ باشپاناھىمسەن، 
تىرىكلەرنىڭ زېمىنىدا بولغان نېسىۋەمدۇرسەن» ــ دېدىم.[~3~] 
 6 مېنىڭ پەريادىمغا قۇلاق سالغايسەن؛ 
چۈنكى مەن ئىنتايىن خاراب ئەھۋالغا چۈشۈرۈلدۇم؛ 
مېنى قوغلىغۇچىلىرىمدىن قۇتۇلدۇرغايسەن؛ 
چۈنكى ئۇلار مەندىن كۈچلۈكتۇر.[~4~] 
 7 سېنىڭ نامىڭنى تەبرىكلىشىم ئۈچۈن، 
جېنىمنى تۈرمىدىن چىقارغايسەن؛ 
ھەققانىيلار ئەتراپىمدا ئولىشىدۇ؛ 
چۈنكى سەن ماڭا زور مېھرىبانلىق كۆرسىتىسەن. 
 Languages
Languages