141
141-كۈي •••• رەزىللىك بىلەن مۇرەسسە قىلغىلى بولمايدۇ 
 1 داۋۇت يازغان كۈي: ــ 
پەرۋەردىگار، مەن ساڭا نىدا قىلدىم؛ 
يېنىمغا تېزدىن كەلگەيسەن؛ 
ساڭا نىدا قىلغىنىمدا ئاۋازىمنى ئاڭلىغايسەن. 
 2 دۇئايىمنى ئاڭلىغىنىڭدا، ساڭا سۇنۇلغان خۇشبۇيدەك يېقىملىق بولسۇن، 
قولۇمنىڭ كۆتۈرۈلۈشى سۇنۇلغان كەچلىك قۇربانلىقتەك قوبۇل بولسۇن.□ «قولۇمنىڭ كۆتۈرۈلۈشى سۇنۇلغان كەچلىك قۇربانلىقتەك قوبۇل بولسۇن» ــ ياكى «قولۇمنىڭ كۆتۈرۈلۈشى سۇنۇلغان كەچلىك ئاشلىق ھەدىيەدەك قوبۇل بولسۇن» ــ ئىبادەتخانىدا كاھىنلار كەچلىك قۇربانلىق ياكى ھەدىيە سۇنۇشتىن ئاۋۋال، قولى بىلەن شۇ قۇربانلىق-ھەدىيەلەرنى خۇدا ئالدىدا كۆتۈرەتتى.  [b] 
 3 ئاغزىم ئالدىدا كۆزەتچى تۇرغۇزغايسەن، ئى پەرۋەردىگار؛ 
لەۋلىرىم دەرۋازىسىنى ساقلىغايسەن؛ 
 4 كۆڭلۈمنى ھېچقانداق يامان ئىشقا، 
قەبىھلىك قىلغۇچىلارغا شېرىك بولۇپ، رەزىللىك قىلىشقا مايىل قىلمىغايسەن. 
مېنى ئۇلارنىڭ نېمەتلىرىدىن ھېچ يېگۈزمىگەيسەن! 
 5 ھەققانىي ئادەم مېنى ئۇرسۇن ــ 
بۇ ماڭا مېھرىبانلىقتۇر؛ 
ماڭا تەنبىھ بەرسۇن ــ 
بۇ بولسا، بېشىم رەت قىلمايدىغان، قۇيۇلغان ئېسىل مايدەك بولىدۇ. 
چۈنكى مېنىڭ دۇئايىم يەنىلا شۇلارنىڭ رەزىللىكلىرىگە قارشى بولىدۇ.□ «چۈنكى مېنىڭ دۇئايىم يەنىلا شۇلارنىڭ رەزىللىكلىرىگە قارشى بولىدۇ» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «چۈنكى مېنىڭ دۇئايىم ئۇلارغا (رەزىللەرگە) كۈلپەت چۈشكەندە ئۇلار ئۈچۈن داۋاملىشىۋېرىدۇ» (ئىبرانىي تىلىدا «يامانلىق» ھەم «كۈلپەت» بىر سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ). 
 6 ئۇلارنىڭ ھاكىملىرى تىك يارلاردىن تاشلىۋېتىلگەندە، 
خەلق مېنىڭ سۆزلىرىمنى ئاڭلايدۇ؛ 
چۈنكى بۇ سۆزلەر شېرىندۇر.□ «خەلق مېنىڭ سۆزلىرىمنى ئاڭلايدۇ؛ چۈنكى بۇ سۆزلەر شېرىندۇر» ــ «شېرىن» بەلكىم مۇشۇ يەردە «جايىدا، ئورۇنلۇق» دېگەن مەنىدە. 
 7 بىرسى ئوتۇن يارغاندا يەرگە چېچىلغان يېرىندىلاردەك، 
مانا، ئۇستىخانلىرىمىز تەھتىسارا ئىشىكى ئالدىدا چېچىۋېتىلدى؛□ «بىرسى ئوتۇن يارغاندا يەرگە چېچىلغان يېرىندىلاردەك، مانا، ئۇستىخانلىرىمىز تەھتىسارا ئىشىكى ئالدىدا چېچىۋېتىلدى» ــ ئايەتنىڭ بىرنەچچە تەرجىمىلىرى بار. ئىبرانىي تىلىدىكى نۇسخىسىدا، مۇشۇ سۆز ئىنتايىن ئىخچام بولۇپ، چۈشىنىش تەس.  [~6~] 
 8 بەرھەق، كۆزلىرىم ساڭىلا تىكىلىپ قارايدۇ، پەرۋەردىگار رەببىم؛ 
ساڭا تايىنىمەن؛ 
جېنىمنى خاراب قىلىپ تاشلىۋەتمىگەيسەن. 
 9 ئۇلارنىڭ ماڭا سالغان قىلتىقىدىن، 
قەبىھلىك قىلغۇچىلارنىڭ تۇزاقلىرىدىن مېنى ساقلىغايسەن؛ 
 10 رەزىللەر ئۆزىنىڭ تورلىرىغا يىقىلسۇن، 
مەن بولسام ــ ئۆتۈپ كېتىمەن. 
- 
a  «قولۇمنىڭ كۆتۈرۈلۈشى سۇنۇلغان كەچلىك قۇربانلىقتەك قوبۇل بولسۇن» ــ ياكى «قولۇمنىڭ كۆتۈرۈلۈشى سۇنۇلغان كەچلىك ئاشلىق ھەدىيەدەك قوبۇل بولسۇن» ــ ئىبادەتخانىدا كاھىنلار كەچلىك قۇربانلىق ياكى ھەدىيە سۇنۇشتىن ئاۋۋال، قولى بىلەن شۇ قۇربانلىق-ھەدىيەلەرنى خۇدا ئالدىدا كۆتۈرەتتى.
■141:2 مىس. 29:30؛ ۋەھ. 5:8؛ 8:3
c «چۈنكى مېنىڭ دۇئايىم يەنىلا شۇلارنىڭ رەزىللىكلىرىگە قارشى بولىدۇ» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «چۈنكى مېنىڭ دۇئايىم ئۇلارغا (رەزىللەرگە) كۈلپەت چۈشكەندە ئۇلار ئۈچۈن داۋاملىشىۋېرىدۇ» (ئىبرانىي تىلىدا «يامانلىق» ھەم «كۈلپەت» بىر سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ). d «خەلق مېنىڭ سۆزلىرىمنى ئاڭلايدۇ؛ چۈنكى بۇ سۆزلەر شېرىندۇر» ــ «شېرىن» بەلكىم مۇشۇ يەردە «جايىدا، ئورۇنلۇق» دېگەن مەنىدە. ~5~ «بىرسى ئوتۇن يارغاندا يەرگە چېچىلغان يېرىندىلاردەك، مانا، ئۇستىخانلىرىمىز تەھتىسارا ئىشىكى ئالدىدا چېچىۋېتىلدى» ــ ئايەتنىڭ بىرنەچچە تەرجىمىلىرى بار. ئىبرانىي تىلىدىكى نۇسخىسىدا، مۇشۇ سۆز ئىنتايىن ئىخچام بولۇپ، چۈشىنىش تەس.■141:7 ئەز. 37:1،11،12
 Languages
Languages