129
129-كۈي •••• ئۇزۇن داۋام قىلغان جاپا-مۇشەققەتنى ئەسلەش 
 1 «يۇقىرىغا چىقىش ناخشىسى» 
«ياشلىقىمدىن تارتىپ ئۇلار كۆپ قېتىم مېنى خار قىلىپ كەلدى» ــ 
ــ ئاھ، ئىسرائىل ھازىر بۇنى دېسۇن ــ 
 2 «ئۇلار ياشلىقىمدىن تارتىپ كۆپ قېتىم مېنى خار قىلىپ كەلدى، 
بىراق ئۈستۈمدىن غەلىبە قىلغان ئەمەس. 
 3 قوش ھەيدىگۈچىلەر دۈمبەمدە ھەيدىگەن، 
چۆنەكلىرىنى ئىنتايىن ئۇزۇن تارتقان». 
 4 پەرۋەردىگار ھەققانىيدۇر؛ 
ئۇ رەزىللەرنىڭ ئاسارەتلىرىنى سۇندۇرۇۋەتتى؛ 
 5 ئۇلار شەرمەندە بولۇپ ئارقىسىغا ياندۇرۇلسۇن، 
زىئوندىن نەپرەتلىنىدىغانلارنىڭ ھەممىسى! 
 6 ئۇلار ئۆگزىدە ئۈنۈپ چىققان چۆپتەك بولسۇن؛ 
ئۈزۈلمەي تۇرۇپلا سولىشىپ كېتىدىغان؛[a] 
 7 ئوت-چۆپ ئورىغۇچىغا ئۇنىڭدىن بىر تۇتاممۇ چىقمايدۇ؛ 
باغ باغلىغۇچىغا بىر قۇچاقمۇ چىقمايدۇ؛ 
 8 ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلارمۇ: «پەرۋەردىگارنىڭ بەرىكىتى ئۈستۈڭلاردا بولغاي؛ 
پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن سىلەرگە بەخت تىلەيمىز!» ــ دېگەن سالامنى ھېچ بەرمەيدۇ.□ «ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلارمۇ: «پەرۋەردىگارنىڭ بەرىكىتى ئۈستۈڭلاردا بولغاي؛ پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن سىلەرگە بەخت تىلەيمىز!» ــ دېگەن سالامنى ھېچ بەرمەيدۇ.» ــ دېمەك، مۇشۇ كۈيدىكى 4- ھەم 5-ئايەتنىڭ مەنىسى: رەزىل كىشىلەردىن ھېچ ھوسۇل بولمايدۇ، ئۇلاردىن ھېچ ياخشىلىق ياكى بەخت-خۇشاللىق كەلمەيدۇ ياكى ئۇلارنىڭ بېشىغا چۈشمەيدۇ. 
■129:6 ئايۇپ 8:12؛ 40:10
~2~ «ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلارمۇ: «پەرۋەردىگارنىڭ بەرىكىتى ئۈستۈڭلاردا بولغاي؛ پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن سىلەرگە بەخت تىلەيمىز!» ــ دېگەن سالامنى ھېچ بەرمەيدۇ.» ــ دېمەك، مۇشۇ كۈيدىكى 4- ھەم 5-ئايەتنىڭ مەنىسى: رەزىل كىشىلەردىن ھېچ ھوسۇل بولمايدۇ، ئۇلاردىن ھېچ ياخشىلىق ياكى بەخت-خۇشاللىق كەلمەيدۇ ياكى ئۇلارنىڭ بېشىغا چۈشمەيدۇ. Languages
Languages