125
125-كۈي •••• خۇدانىڭ زور ھىمايىسى 
 1 «يۇقىرىغا چىقىش ناخشىسى» 
پەرۋەردىگارغا تايانغانلار زىئون تېغىدەكتۇر؛ 
ئۇنى تەۋرەتكىلى بولمايدۇ، 
ئۇ مەڭگۈلۈك تۇرىدۇ. 
 2 يېرۇسالېم! تاغلار ئۇنىڭ ئەتراپىنى ئورۇغان، 
ھەم پەرۋەردىگار ھازىردىن تا ئەبەدگىچە ئۆز خەلقىنىڭ ئەتراپىنى ئورايدۇ. 
 3 چۈنكى رەزىللەرنىڭ ھوقۇق ھاسىسى ھەققانىيلارنىڭ نېسىۋىسىنى باشقۇرمايدۇ؛ 
بولمىسا ھەققانىيلارمۇ قوللىرىنى قەبىھلىككە ئۇزارتىشى مۇمكىن. 
 4 پەرۋەردىگار، مېھرىبانلارغا مېھرىبانلىق قىلغايسەن؛ 
كۆڭلى دۇرۇسلارغىمۇ شۇنداق بولسۇن. 
 5 بىراق ئەگرى يوللارغا بۇرۇلۇپ كەتكەنلەرنى بولسا، 
پەرۋەردىگار ئۇلارنى قەبىھلىك قىلغۇچىلار بىلەن تەڭ شاللايدۇ. 
ئىسرائىلغا ئامان-خاتىرجەملىك بولغاي! 
 Languages
Languages