121
121-كۈي •••• رەب ھىمايە قىلغۇچىمدۇر 
 1 «يۇقىرىغا چىقىش ناخشىسى» 
كۆزلىرىمنى تاغلار تەرەپكە كۆتۈرۈپ قارايمەن؛ 
مېنىڭ ياردىمىم قەيەردىن كېلۇر؟ 
 2 مېنىڭ ياردىمىم پەرۋەردىگاردىندۇر؛ 
ئاسمان-زېمىننى ياراتقۇچىدىندۇر. 
 3 ئۇ پۇتۇڭنى ھېچ تېيىلدۇرمايدۇ؛ 
سېنى ساقلىغۇچى ھېچ مۈگدىمەيدۇ! 
 4 مانا، قارا، ئىسرائىلنى ساقلىغۇچى ھەم مۈگدىمەيدۇ، ھەم ئۇخلىمايدۇ! 
 5 پەرۋەردىگار سېنىڭ ساقلىغۇچىڭدۇر؛ 
پەرۋەردىگار ئوڭ يېنىڭدىكى سايىۋەندۇر. 
 6 قۇياش كۈندۈزدە، ئاي كېچىدە ساڭا زەرەر يەتكۈزمەيدۇ؛ 
 7 پەرۋەردىگار بارلىق يامانلىقتىن سېنى ساقلايدۇ؛ 
ئۇ جېنىڭنى ساقلايدۇ؛ 
 8 پەرۋەردىگار چىقىشىڭنى، كىرىشىڭنى، 
بۇنىڭدىن كېيىن ئەبەدىلئەبەدگىچە ساقلايدۇ. 
 Languages
Languages