114
114-كۈي •••• خۇدانىڭ ئىسرائىل خەلقىنىڭ مىسىردىن چىقىشىدا ئۇلارغا نامايان قىلغان ئۇلۇغلۇقى 
 1 ئىسرائىل مىسىردىن، 
ياقۇپ جەمەتى يات تىللىق ئەللەردىن چىققاندا، [a] 
 2 شۇ چاغدا يەھۇدا خۇدانىڭ مۇقەددەس جايى، 
ئىسرائىل ئۇنىڭ سەلتىنىتى بولدى، 
 3 دېڭىز بۇنى كۆرۈپ بەدەر قاچتى، 
ئىئوردان دەرياسى كەينىگە ياندى؛ 
 4 تاغلار قوچقارلاردەك، 
دۆڭلەر قوزىلاردەك ئويناقلىدى. 
 5 ئەي دېڭىز، سەن نېمە بولدۇڭ، قاچقىلى؟ 
ئىئوردان دەرياسى، يولۇڭدىن يانغىلى؟ 
 6 تاغلار قوچقارلاردەك، 
دۆڭلەر قوزىلاردەك ئويناقلىغىلى؟ 
 7 ئى يەر يۈزى، رەبنىڭ جامالىدىن، 
ياقۇپنىڭ خۇداسىنىڭ جامالىدىن تەۋرەن؛ 
 8 ئۇ قورام تاشنى كۆلچەككە، 
چاقماق تېشىنى مول بۇلاق سۇلىرىغا ئايلاندۇرىدۇ.□ «ئۇ قورام تاشنى كۆلچەككە، چاقماق تېشىنى مول بۇلاق سۇلىرىغا ئايلاندۇرىدۇ» ــ «چاقماق تېشى» تاشلار ئىچىدە ئەڭ قاتتىق تاش ھېسابلىنىدۇ. «قان.» 15:8نى كۆرۈڭ.  [~3~] 
 Languages
Languages