113
113-كۈي •••• خۇدا شەپقىتىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن ئۆزىنى تۆۋەن تۇتىدۇ 
 1 ھەمدۇسانا! 
مەدھىيىلەڭلار، ئى پەرۋەردىگارنىڭ قۇللىرى، 
پەرۋەردىگارنىڭ نامىنى مەدھىيىلەڭلار! 
 2 ھازىردىن باشلاپ، ئەبەدىلئەبەدگىچە، 
پەرۋەردىگارنىڭ نامىغا تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرۇلسۇن![~1~] 
 3 كۈن چىقاردىن كۈن پاتارغا، 
پەرۋەردىگارنىڭ نامى مەدھىيىلىنىشكە لايىقتۇر![~2~] 
 4 پەرۋەردىگار ئەللەردىن يۇقىرى كۆتۈرۈلدى؛ 
شان-شەرىپى ئەرشلەردىن يۇقىرىدۇر. 
 5 كىممۇ پەرۋەردىگار خۇدايىمىزغا تەڭ بولالىسۇن ــ 
ئۆز ماكانى يۇقىرىدا بولسىمۇ، 
 6 ئاسمانلارغا ھەم يەرگە قاراش ئۈچۈن، 
ئۆزىنى تۆۋەن قىلغۇچىغا؟ 
 7 نامرات كىشىنى ئۇ توپا-چاڭدىن كۆتۈرىدۇ؛ 
قىغلىقتىن يوقسۇلنى يۇقىرىلىتىدۇ؛[~3~] 
 8 ئۇنى ئېسىلزادىلەر قاتارىغا، 
يەنى ئۆز خەلقىنىڭ ئېسىلزادىلىرى ئارىسىغا ئولتۇرغۇزىدۇ؛ 
 9 ئۇ تۇغماس ئايالنى ئۆيگە ئورۇنلاشتۇرۇپ، 
ئۇنى ئوغۇللارنىڭ خۇشال ئانىسى قىلىدۇ. 
ھەمدۇسانا! 
 Languages
Languages