111
111-كۈي •••• خۇدانىڭ ئۇلۇغلۇقىنى سېغىنىش •••• 1-ئايەتتىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ 
 1 ھەمدۇسانا! 
كۆڭلى دۇرۇسلارنىڭ مەشرىپىدە، 
ھەم جامائەتتە تۇرۇپ، 
پەرۋەردىگارغا پۈتۈن قەلبىم بىلەن تەشەككۈر ئېيتىمەن.□ «ھەمدۇسانا! كۆڭلى دۇرۇسلارنىڭ مەشرىپىدە، *ھەم جامائەتتە تۇرۇپ...» ــ بۇ كۈي «ئېلىپبە تەرتىپىلىك» كۈي؛ بىراق ئىبرانىي تىلىنى تەرجىمە قىلىش جەريانىدا جۈملە تەرتىپلىرىنى ئۆزگەرتىش كېرەكلىكى تۈپەيلىدىن، «ئېلىپبەلىك» نۇسخىنى كۆرسىتەلمىدۇق. 
 2 پەرۋەردىگارنىڭ ياسىغانلىرى ئۇلۇغدۇر؛ 
بۇلاردىن خۇرسەن بولغانلار ئىزدىنىپ ئۇلارنى سۈرۈشتۈرمەكتە. 
 3 ئۇنىڭ ئەجرى شەرەپ ۋە ھەيۋەتتۇر، 
ئۇنىڭ ھەققانىيلىقى مەڭگۈگە تۇرىدۇ. 
 4 ئۇ ئۆز مۆجىزىلىرىنى ياد ئەتكۈزىدۇ؛ 
پەرۋەردىگار مۇھەببەتلىك ھەم رەھىمدىللىكتۇر. 
 5 ئۇ ئۆزىدىن ئەيمىنىدىغانلارنى ئاش بىلەن تەمىنلەيدۇ؛ 
ئۆز ئەھدىسىنى ھەمىشە ياد ئېتىدۇ. 
 6 ئۇ ئەمەللىرىدىكى قۇدرىتىنى ئۆز خەلقىگە كۆرسىتىپ، 
باشقا ئەللەرنىڭ مىراس-زېمىنىنى ئۇلارغا تەقدىم قىلدى. 
 7 ئۇنىڭ قولى قىلغانلىرى ھەقىقەت-ساداقەت ۋە ئادىللىقتۇر؛ 
ئۇنىڭ بارلىق كۆرسەتمىلىرى ئىشەنچلىكتۇر. 
 8 بۇلار ئەبەدىلئەبەدگىچە ئىناۋەتلىكتۇر؛ 
ھەقىقەتتە ھەم دۇرۇسلۇقتا چىقىرىلغاندۇر. 
 9 ئۇ ئۆز خەلقىگە نىجاتلىق ئەۋەتتى؛ 
ئۆز ئەھدىسىنى ئەمر قىلىپ مەڭگۈگە بېكىتتى؛ 
مۇقەددەس ھەم سۈرلۈكتۇر ئۇنىڭ نامى. 
 10 پەرۋەردىگاردىن قورقۇش دانالىقنىڭ باشلىنىشىدۇر؛ 
ئۇنىڭ ھۆكۈملىرىنى تۇتقانلارنىڭ ھەممىسى يورۇتۇلغان ئادەملەردۇر؛ 
ئۇنىڭ مەدھىيىسى مەڭگۈ تۇرىدۇ. 
- 
a  «ھەمدۇسانا! كۆڭلى دۇرۇسلارنىڭ مەشرىپىدە، *ھەم جامائەتتە تۇرۇپ...» ــ بۇ كۈي «ئېلىپبە تەرتىپىلىك» كۈي؛ بىراق ئىبرانىي تىلىنى تەرجىمە قىلىش جەريانىدا جۈملە تەرتىپلىرىنى ئۆزگەرتىش كېرەكلىكى تۈپەيلىدىن، «ئېلىپبەلىك» نۇسخىنى كۆرسىتەلمىدۇق.
 Languages
Languages