10
پادىشاھ سۇلايماننىڭ ھېكمەتلىك سۆزلىرى
1 پادىشاھ سۇلايماننىڭ پەند-نەسىھەتلىرى: ــ
دانا ئوغۇل ئاتىسىنى شاد قىلار؛
ئەقىلسىز ئوغۇل ئانىسىنى قايغۇ-ھەسرەتكە سالار.[a]
2 ھارام بايلىقلارنىڭ ھېچ پايدىسى بولماس؛
ھەققانىيەت ئىنساننى ئۆلۈمدىن قۇتۇلدۇرار.[b]
3 پەرۋەردىگار ھەققانىي ئادەمنىڭ جېنىنى ئاچ قويماس؛
لېكىن ئۇ قەبىھلەرنىڭ نەپسىنى بوغۇپ قويار.
4 ھۇرۇنلۇق كىشىنى گاداي قىلار؛
ئىشچانلىق بولسا باياشات قىلار.□ «ھۇرۇنلۇق» ــ ئىبرانىي تىلىدا: «قول بوشلۇقى». «ئىشچانلىق» ــ ئىبرانىي تىلىدا: «ئەستايىدىللىقنىڭ قولى». [d]
5 يازدا ھوسۇلنى يىغىۋالغۇچى ــ دانا ئوغۇلدۇر؛
لېكىن ئورما ۋاقتىدا ئۇخلاپ ياتقۇچى ــ خىجالەتكە قالدۇرىدىغان ئوغۇلدۇر.
6 بەرىكەت ھەققانىي ئادەمنىڭ بېشىغا چۈشەر؛
ئەمما زوراۋانلىق يامانلارنىڭ ئاغزىغا ئۇرار.□ «ئەمما زوراۋانلىق يامانلارنىڭ ئاغزىغا ئۇرار» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ئەمما يامانلارنىڭ ئاغزى زوراۋانلىقنى يوشۇرار».
7 ھەققانىي ئادەمنىڭ يادىكارى مۇبارەكتۇر؛
يامانلارنىڭ نامى بولسا، سېسىق قالار.
8 دانا ئادەم يوليورۇق-نەسىھەتلەرنى قوبۇل قىلار؛
كوت-كوت، نادان كىشى ئۆز ئايىغى بىلەن پۇتلىشار.[f]
9 غۇبارسىز يۈرگەن كىشىنىڭ يۈرۈش-تۇرۇشى تۇراقلىقتۇر،
يوللىرىنى ئەگرى قىلغاننىڭ كىرى ئاخىرى ئاشكارىلىنىدۇ.
10 كۆز ئىشارىتىنى قىلىپ يۈرىدىغانلار ئادەمنى داغدا قالدۇرار؛
كوت-كوت، نادان كىشى ئۆز ئايىغى بىلەن پۇتلىشار.
11 ھەققانىي ئادەمنىڭ ئاغزى ھاياتلىق بۇلىقىدۇر،
ئەمما زوراۋانلىق ياماننىڭ ئاغزىغا ئۇرار.□ «ھاياتلىق بۇلىقى» ــ بەلكىم «ئېرەن باغچىسى»دىكى «ھاياتلىق بېرىدىغان دەرەخ»كە ئوخشىتىلغاندۇر. «ئەمما زوراۋانلىق ياماننىڭ ئاغزىغا ئۇرار» ــ ياكى «ئەمما ياماننىڭ ئاغزى زوراۋانلىقنى يوشۇرار». [h]
12 ئۆچمەنلىك جېدەل قوزغار؛
مېھىر-مۇھەببەت ھەممە گۇناھلارنى ياپار.[~9~]
13 ئەقىل-ئىدراقلىك ئادەمنىڭ ئاغزىدىن دانالىق تېپىلار؛
ئەقىلسىزنىڭ دۈمبىسىگە پالاق تېگەر.[~10~]
14 دانا ئادەملەر بىلىملەرنى زىيادە توپلار؛
لېكىن ئەخمەقنىڭ ئاغزى ئۇنى ھالاكەتكە يېقىنلاشتۇرار.
15 مال-دۇنيالىرى گويا مەزمۇت شەھەردەك باينىڭ كاپالىتىدۇر؛
مىسكىننى ھالاك قىلىدىغان ئىش دەل ئۇنىڭ نامراتلىقىدۇر.
16 ھەققانىيلارنىڭ ئەجىرلىرى جانغا جان قوشار،
قەبىھلەرنىڭ ھوسۇلى گۇناھنىلا كۆپەيتىشتۇر.□ «...گۇناھنىلا كۆپەيتىشتۇر» ــ ياكى «...گۇناھىنى بېكىتەر».
17 نەسىھەتنى ئاڭلاپ ئۇنى ساقلىغۇچى ھاياتلىق يولىغا ماڭار؛
تەنبىھلەرنى رەت قىلغان كىشى يولدىن ئازغانلاردۇر.
18 ئاداۋەت ساقلىغان كىشى يالغان سۆزلىمەي قالماس؛
تۆھمەت چاپلىغانلار ئەخمەقتۇر.□ «ئاداۋەت ساقلىغان كىشى يالغان سۆزلىمەي قالماس» ــ ئىبرانىي تىلىدا: «ئاداۋەت ساقلىغۇچىنىڭ لەۋلىرى يالغان بولىدۇ».
19 گەپ كۆپ بولۇپ كەتسە، گۇناھتىن خالىي بولماس،
لېكىن ئاغزىغا ئىگە بولغان ئەقىللىقتۇر.
20 ھەققانىي ئادەمنىڭ سۆزى خۇددى ساپ كۈمۈش؛
ياماننىڭ ئويلىرى تولىمۇ ئەرزىمەستۇر.□ «ھەققانىي ئادەمنىڭ سۆزى» ــ ئىبرانىي تىلىدا: «ھەققانىي ئادەمنىڭ تىلى». «ياماننىڭ ئويلىرى» ــ ئىبرانىي تىلىدا: «ياماننىڭ كۆڭلى».
21 ھەققانىي ئادەمنىڭ سۆزلىرى نۇرغۇن كىشىنى قۇۋۋەتلەر؛
ئەخمەقلەر ئەقلى كەملىكىدىن ئۆلەر.
22 پەرۋەردىگارنىڭ ئاتا قىلغان بەرىكىتى ئادەمنى دۆلەتمەن قىلار؛
ئۇ بەرىكىتىگە ھېچبىر جاپا-مۇشەققەت قوشماس.
23 ئەخمەق قەبىھلىكنى تاماشا دەپ بىلەر؛
ئەمما دانالىق يورۇتۇلغان كىشىنىڭ خۇرسەنلىكىدۇر.□ «يورۇتۇلغان» ــ ئىبارانىي تىلىدا «ئىشنى، باشقا ئادەمنى ئوبدان چۈشىنىدىغان» دېگەن مەنىدە. [~15~]
24 يامان كىشى نېمىدىن قورقسا شۇنىڭغا ئۇچرار؛
ھەققانىي ئادەمنىڭ ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشۇرۇلار.
25 يامان ئادەم قۇيۇندەك ئۆتۈپ يوقار؛
لېكىن ھەققانىي ئادەم مەڭگۈلۈك ئۇلدەكتۇر.
26 ئادەم ئاچچىق سۇ يۇتۇۋالغاندەك،
كۆزىگە ئىس-تۈتەك كىرىپ كەتكەندەك،
ھۇرۇن ئادەمنى ئىشقا ئەۋەتكەنمۇ شۇنداق بولار.□ «ئادەم ئاچچىق سۇ يۇتۇۋالغاندەك...» ــ ئىبرانىي تىلىدا: «ئاچچىق سۇ چىشلارغا تەگكەندەك...».
27 پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىش ئۆمۈرنى ئۇزۇن قىلار،
ياماننىڭ ئۆمرى قىسقارتىلار.[~17~]
28 ھەققانىي ئادەمنىڭ ئۈمىدى خۇرسەنلىك ئېلىپ كېلەر؛
لېكىن رەزىلنىڭ كۈتكىنى يوققا چىقار.[~18~]
29 پەرۋەردىگارنىڭ يولى دۇرۇس ياشاۋاتقانلارغا باشپاناھدۇر؛
قەبىھلىك قىلغۇچىلارغا بولسا ھالاكەتتۇر.[~19~]
30 ھەققانىيلارنىڭ ئورنى مۇستەھكەمدۇر؛
يامانلار زېمىندا ئۇزۇن تۇرماس.
31 ھەققانىي ئادەمنىڭ ئاغزىدىن دانالىق چىقار؛
لېكىن شۇملۇق تىل كېسىپ تاشلىنار.
32 ھەققانىي ئادەمنىڭ سۆزى كىشىگە موك خۇشياقار؛
يامان ئادەمنىڭ ئاغزىدىن شۇملۇق چىقار.
■10:1 پەند. 15:20
■10:2 پەند. 11:4
c «ھۇرۇنلۇق» ــ ئىبرانىي تىلىدا: «قول بوشلۇقى». «ئىشچانلىق» ــ ئىبرانىي تىلىدا: «ئەستايىدىللىقنىڭ قولى».■10:4 پەند. 12:24
e «ئەمما زوراۋانلىق يامانلارنىڭ ئاغزىغا ئۇرار» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ئەمما يامانلارنىڭ ئاغزى زوراۋانلىقنى يوشۇرار».■10:8 پەند. 10:10
g «ھاياتلىق بۇلىقى» ــ بەلكىم «ئېرەن باغچىسى»دىكى «ھاياتلىق بېرىدىغان دەرەخ»كە ئوخشىتىلغاندۇر. «ئەمما زوراۋانلىق ياماننىڭ ئاغزىغا ئۇرار» ــ ياكى «ئەمما ياماننىڭ ئاغزى زوراۋانلىقنى يوشۇرار».■10:11 پەند. 10:6؛ 13:14
■10:12 1كور. 13:7؛ 1پېت. 4:8
■10:13 پەند. 20:30
~11~ «...گۇناھنىلا كۆپەيتىشتۇر» ــ ياكى «...گۇناھىنى بېكىتەر». ~12~ «ئاداۋەت ساقلىغان كىشى يالغان سۆزلىمەي قالماس» ــ ئىبرانىي تىلىدا: «ئاداۋەت ساقلىغۇچىنىڭ لەۋلىرى يالغان بولىدۇ». ~13~ «ھەققانىي ئادەمنىڭ سۆزى» ــ ئىبرانىي تىلىدا: «ھەققانىي ئادەمنىڭ تىلى». «ياماننىڭ ئويلىرى» ــ ئىبرانىي تىلىدا: «ياماننىڭ كۆڭلى». ~14~ «يورۇتۇلغان» ــ ئىبارانىي تىلىدا «ئىشنى، باشقا ئادەمنى ئوبدان چۈشىنىدىغان» دېگەن مەنىدە.■10:23 پەند. 14:9
~16~ «ئادەم ئاچچىق سۇ يۇتۇۋالغاندەك...» ــ ئىبرانىي تىلىدا: «ئاچچىق سۇ چىشلارغا تەگكەندەك...».■10:27 پەند. 9:11
■10:28 ئايۇپ 8:13،14؛ 11:20؛ زەب. 112:10
■10:29 پەند. 13:6